• ،

    مەزكۇر بلوگ بۇنىڭدىن كىيىن يېڭىلانمايدۇ، ئەمما http://blog.ilqut.com تۇلۇق يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ! 

    ئىلقۇت بلوگى بىر مەزگىللىك دەم ئېلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئىز تورىنىڭ تېخنىكىنىڭ يېقىندىن قوللاپ ياردەمدە بولىشى بىلەن ئاخىرى ھەر ھالدا داڭلىق بلوگ

     سېستىمىسى بولغان WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىقىيەتلىك يۆتكىۋالدىم.

    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىز تورىنىڭ تېخنىكىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئالدىراش بولىشىغا قارىماي ۋاقىت ئاجرىتىپ بلوگىمنى WordPress سېستىمىسى نەشىرىگە كۆچۈرۈپ بەردى. ھازىر بلوگ ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋاپىقىيەتلىك كۆچۈرۈلۈپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بەزىبىر كىچىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى ئىنىق، بىز داۋاملىق ھالدا بلوگنى تەڭشەپ ئەڭ نورمال، ئەڭ كۆركەم ھالەتكە ئەكىلىپ تورداشلارغا يېڭىچە تۇيغۇ بېرىشكە تىرىشىمىز.

     

    خەتكۈچ:
  • مەزكۇر يازمىدا سۆزلەنمەكچى بولغىنى توردا تۇرۇپ ھەر قانداق يانفۇنغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش دەرسلىكىدۇر. بەلكىم بۇنداق دېسەم سىز ئۇچقۇر (飞信) ئارقىلىقمۇ ھەقسىز ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سىزنىڭ يانفۇنىڭىز كۆچمە خەۋەرلىشىش بولىشى ھەمدە يانفۇنىڭىز توختاپ قالمىغان بولىشى شەرت. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ھەممە دوستلىرىڭىزغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالىشىڭىز ناتايىن، چۈنكى ئۇچقۇر ئارقىلىق پەقەت كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىغىلا يوللىغىلى بولىدۇ، ھەمدە يوللىماقچى بولغان ئادەممۇ چوقۇم ئۇچقۇر كەسپىنى ئاچقۇزغان بولىشى ۋە سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلىپ سىزنىڭ دوستلىرىڭىز (ئۇچقۇردىكى دوستلار تىزىملىكى) بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىيالايسىز. ئەمما كەمىنە بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ خىل باش ئاغرىقلىرىدىن خالى بولۇشتىن سىرت ناھايىتى قۇلايلىق ھالدا توردا تۇرۇپ ھەر قانداق دوستىڭىزغا ئۇچۇر يوللىيالايسىز. دىققەت، دوستىڭىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى مەيلى كۆچمە خەۋەرلىشش بولسۇن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە ياكى تېلگراف ئابونتلىرى بولسۇن ھەممىسىگە بىمالال ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايسىز. ئۇلارنى دوستقا قوشۇپ ئۇلارغا تەكلىپ ئىۋەتىپ ئۇلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىنى كۈتۈش ھاجەتسىز.

    خەتكۈچ: بلوگ تۇرمۇش
  • ئىلاۋە:

    مەزكۇر يازما يۈكسەل بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئالاھىدە تەۋسىيىسى بىلەن مەزكۇر بلوگدا تەشۋىق قىلىندى، دوستلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى، ئۆز قېرىندىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئازراق ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلى ، 2010 -يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مەكتەپ سەككىزىنچى ياتاق بىناسى تۆتىنچى قەۋەت سۇخانىسىدا تېيىلىپ يىقىلىش چۈشۈپ ، ئارقا مېڭىسى ئېغىر زەخىملىنىپ ھوشىدىن كەتكەن . ساۋاقداشلىرى ئۇنى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان . دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىلھامجاننىڭ باش مېڭە تەرىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ قان يىغىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان . دوختۇرلار 4 سائەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مېڭىدىكى ئۇيۇپ يىغىلىپ قالغان قانلارنى چىقىرىۋەتكەن ، لېكىن ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ، 4 ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ، ئالتىنچى ئايىنىڭ 4 -كۈنى كۆزىنى ئاچقان ، لېكىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى يىغلىغان ۋاقتىدا بىر ئاز ئاۋاز چىقىرىدىغان بولغان. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ 42 كۈن بولغىچە كۈنىگە 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەتكەن . 42 كۈندىن كىيىن كۈنلىكىگە 2000 يۈەندىن پۇل كېتىۋاتىدۇ . ھازىرغىچە 300 مىڭ يۈەن يەنى 300000 دىن ئارتۇق پۇل كەتكەن . ئەلى ئاكا بىلەن مەريەم ئاچا پۇل جەملەش ئۈچۈن ھەتتا كۇچا ناھىيىسىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ قەرز تۆلەش شەكلىدە ئالغان بولۇپ ، ھازىر 100 مىڭ يۈەن يەنى 100000 دىن ئارتۇق قەرزدار بولۇپ قالغان …….

    مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى يۈكسەل بلوگىدىن كۆرگەيسىز:

    http://www.yuksel.me/358.html

  • ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى، ياشاش ئۇسۇلى، ئىنسانلارغا ۋە ئىنسانلىققا بولغان چەكسىز سەمىمىيىتى، ئەخلاق پەزىلەتلىرى، ھايات كەچمىشلىرى، قىسقىسى بىزنىڭ بىز بولۇشىمىزغا كاپالەتلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىقلىرىمىزدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بىز ئۇيغۇرلار ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمىتىمىزنى ئايىمايدىغان، ئىلىم ئەھلىگە بولغان ئىخلاسىمىز، ئىلىم ئېلىش ئىخلاسىمىزدىن قىلىشمايدىغان، پەرزەنتلىرىمىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن كۆيۈنىدىغان ئەمما تەربىيىلەشكە يېتەرلىك دەرىجىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالمايۋاتقان، كىتاپ ئوقۇش ئارزۇيىمىز بولسىمۇ لىكىن ئوقۇش ئىشىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمايۋاتقان، گەرچە كىتاپنى كۆپ ئوقۇيدىغانلارنى «كىتاپ خالتىسى» دەپ قويساقمۇ لېكىن چىن دىلىمىزدىن بۇ «كىتاپ خالتىلىرى» نى ھۆرمەتلەيدىغان، قايىل بولىدىغان ۋە ئۇلاردىن پېتىمىزدىن چۈشمەي تۇرۇپ مەسلىھەت سورىيالايدىغان، …، ئەمما قول تېقىپ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسدە بىر ئاز بوشاڭلىق قىلىپ قالىدىغان، سەل قارايدىغان، …، قىسىقىسى ئىنسانلىقتا بار بولغان پۈتۈن خىسلەت ۋە ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلىدىغان بىر مىللەتمىز.

  • ئاتا-ئانىلار «پەرزەنتلىرىمىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا، كەلگۈسىدە جاپا تارتىپ قالمايدۇ، ئىستىقبالىنى تاپىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى رىئاللىق شۇكى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش مۇقىم كىرىمدىن، ئىستىقبالدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئالى مەكتەپ مائارىپى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلىنىشكە ئىگە قىلىشتىكى ۋاستە. بۇ رىئاللىق ئالدىدا ئاتا ئانىلار نىمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ بۇمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتماي قالمايدۇ.

  • ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، ئىقتىساد قانچە تەرەققى قىلغانسېرى، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. نۆۋەتتە مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىدىن قارىغاندا يىمەك ئىچمەك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان كارخانىلار، مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ، كومپىيوتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولىۋاتىدۇ. بۇلار ھەم ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بولۇپ، پەقەت ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولىدىكەن، خىزمەت تېپىشى ئانچە تەسكە توختىمايدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى تېخى تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، كۆلەملىشىش، مۇنتىزىملىشىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئۇلار ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن.

    خەتكۈچ: ئىشچى خىزمەت،
  • ئىلاۋە:

    مەزكۇر ماقالە ئەسلى ئاپتۇر يۈكسەل ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىلقۇت بلوگىدا قايتا يوللاندى، تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمىز!

    شۇنى ئېتىراپ قىلماي ھېچ ئىلاجىمىز يوقكى، ئەينى چاغدا تېلېۋىزور ( Television ) بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلغان، بىزنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىمىزدا قانچىلىك زور زىل - زىلە پەيدا قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تور ( Internet ) ھەم شۇنداق مىسلىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.

    تېلېۋىزورنىڭ تېزگىنىكى ئۆز قولىمىزدا بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى پروگىراممىلارنىڭ قانداق بولۇش تەڭشىكى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، تېلېۋىزوردا ئەنئەنىۋىي ئەخلاق مىزانىمىزغا كەسكىن خىرىس قىلغۇچى پروگراممىلار بازار تاپماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، سەللا ھايا - نومۇسلۇق كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندى ...

    ئەمما، تورچۇ؟! ...

  • بىر مەزگىل مەزكۇر بلوگنى يازغاندىن كىيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى» ئۈچۈن ئىلقۇت بلوگىنىڭ PJBlog نەشىرىنى ئېلان قىلىپ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىلقۇت بلوگىنىڭ PJBlog نەشىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدۇق، يېقىندا ئىلقۇت بلوگىغا تورداشلارنىڭ دىققەت قىلماي بىر پارچە يازما يوللاپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ھازىر ئىلقۇت بلوگى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئوڭۈشلۇق قىلىپ، بلوگدىن چاتاق چىقماسلىقى ۋە بلوگنى ئىلاج بار تىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشنابىز. شۇڭا ۋاقىتلىق يەنىلا مەزكۇر بلوگقا قايتىپ كەلدىم. مەزكۇر بلوگمۇ ئەمىلىيەتتە ناچارمۇ ئەمەس، لېكىن ھازىر مەزكۇر بلوگنىڭ ئىنكاس چەكلىمىسى بەك ئاز ئىكەن، تورداشلار ئەركىن ھالدا پىكىر قالدۇرالمايدىكەن. ئىنكاسنىڭ ھەرپ چەكلىمىسى 200 ھەرپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قۇر خەت يېزىپ بولغىچە ئىنكاس چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا ئادەمنى سەل بىزار قىلىپ قويىدىكەن شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا كۆپچىلىك بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا تىلەكداشمىز.

    ھۆرمەت بىلەن: ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت   2010-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

    خەتكۈچ: ئىلقۇت بلوگ
  • ئىلقۇت تورى ئۇزۇندىن بىرى بىر مەزگىللىك تەمتىرەپ يۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، بۇ قېتىم ئىلقۇت تورىنىڭ ئەسلىدىكى قۇرغۇچىلىرى، تۇتۇش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىلقۇت بلوگى شۇنداقلا ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بۇ بىر نەچچە كۈچنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئىلقۇت مۇنبىرى قايتىدىن پىلانلىنىپ ئاخىرى يېڭىچە قىياپەت بىلەن تۇلۇق ئېچىۋېتىلدى.

  • ئەجىبا بىزنىڭ سەنئىتىمىز بىزگە ھېچ ئېلىپ كېلەلمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا كېلەلمىدى دېسەك بىز دۇنياغا مەشھۇر 12 مۇقامىمىزغا كۆز يۇمغان بولىمىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنداق دۇنياغا مەشھور 12 مۇقامنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ھەر قانداق مىللەتنىڭ ھەممىسى ماس كېلىۋەتمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق خالىغانچە ئاش دېسە نان، كاللا دېسە پاقالچاق دەپ جۆيلىمەي، ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ئەگەر سىز يەنىلا سەنئەت بىزگە ھېچ نەرسە ئېلىپ كەلمىدى دەپ قارىسڭىز سىز ئوبدان كۈزىتىپ بېقىڭ، ئابدۇكېرەم ئابلىز  قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلىقنىڭ ئىزچىل ئالقىشىغا ئېرىشىپ، كېلىۋاتقان، خەلقنىڭ دېيەلمىگەن كۆڭۈل سۆزلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ بۇنى سەنئەت بىلەن ماھىرلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ مىللىتىمىزدىكى چاكىنا ئىللەتلەرنى ۋاختىدا تۈزىتىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ تۆھپىسىنى بىر يولىلا يوققا چىقىرىش مېنىڭچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.

  • اڭلىق ئىشەنچلىكمۇ؟ بەلكىم بەزىلەر كەمىنىنىڭ بۇ داڭقان پۇتى سۇئالىدىن راستىنلا غەلىتىلىك ھېس قىلغاندۇ. لېكىن بۇ چوقۇم ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە. كەمىنە ئادەتتە مۇنازىرە تېمىلىرىغا ئانچە ئارىلاشمايتتىم (چۈنكى ھېلىمۇ مېنىڭ ئىشلىرىم ئاز ئەمەس) لېكىن يېقىندىن بېرى بەزىبىر تېمىلارغا قاتنىشىپ قالدىم قاتناشتىميۇ بۇ تېمىلاردىن ئۆزۈمنى تارتىشقا ئامالسىز قالدىم شۇنىڭ ئۈچۈن مەن داۋاملىق مۇنازىرىلىشىشكە مەجبۇرى بولدۇم، مانازىرىلىشىش دېگەن نېمە؟ بىز ئۆز پىكىرىمىزنى باشقىلار قايىل بولغىدەك ئىپادىلەش ئۈچۈن بەزىدە ئىزدىنىشكە، ئۇچۇر توپلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  • مەن ئالدىنقى كۈنى داڭلىق مۇنبىرىگە «داڭلىق ئىشەنچلىكمۇ؟» ناملىق بىر ئاتالمىش «ئالا جۇقا»، «ئىچى تارلىق»، «مالىمانچلىق تۇغدۇرۇش» تېمىسنى يوللاپ ئۆزۈمگە مۇناسىپ بولمىغان خېلى چوڭ قالپاقلارنى كىيىۋالدىم. شۇڭا مەن بۇ قېتىم بۇ تېما ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچى. مەزكۇر تېمىنى داۋاملىق داڭلىققا يوللاشتىن كۆڭلۈم سوۋىدى( مېنىڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ «ياخشى» قالپاقلارغا ئېرىشكۈم يوق، ھېلىمۇ قالپىقىم يىتەرلىك بولدى دەپ ئويلايمەن.) شۇڭا پەقەت ئۆز بلوگىمدىلا ئېلان قىلماقچى بولدۇم.
    ئەمدى مەن ماۋۇ «ئالا جۇقا»، «ئىچى تارلىق»، «مالىمانچلىق تۇغدۇرۇش» تېمىسنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىم ھەققىدە ئاز تۇلا سۆلىۋېتەي.

    مەن مەزكۇر تېمىنى يېزىشتىن مەقسىتىمنى مېنىڭچە ھازىر ھەرقانچە سۆزلىسەممۇ بەرىبىر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتۈشى ناتايىن، شۇڭا مەن ئازراقلا توختىلىپ ئۆتۈپ كېتەي.

  • polkonic1:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار :  

    يۇقارقى تىمىنى ۋە ئىنكاسلارنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقتىم ، ياخشى نىيەتلىك تورداشنىڭ مۇنبەرنىڭ  كىيىنلىكنى يەنى داڭلىقنىڭ كەلگۇسىنى ئويلاپ يازغان بۇ تىمىسىنى توغرا چۇشۇنۇش ئۇياقتا تۇرسۇن تىما يازغانغا پۇشايمەن قىلدۇرۋىتىدىغان گەپ سۆزلەر بولۇپتۇ . مەزكۇر تىمىنى يازغان تورداشنىڭ داڭلىق ئىشەنچىلىكمۇ دىگەن سۇئالى بەلكىم سەل چۇشنۇكسىز بۇلۇپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن . بىراق مىنىڭ ئويلىغىنىم ئاپتور چوقۇم داڭلىققا كۆڭۇل بۇلۇپ ، داڭلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن بۇ سۇئالنى ئوتتۇرغا تاشلىغان. ئۇنداق بولمايدىكەن مۇشۇ سۇئالنى داڭلىقنىڭ ئۆزىدە ئىلان قىلارمىتى . باشقا توربەتتە ئىلان قىلغان بولسا ، ئاندىن بىرنىمە دىسەك تامامەن بۇلاتتى .

    خەتكۈچ: مۇلاھىزە
  • 4 يىلدىن بېرى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان مىللەت مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان سەھنە سەنئىتىنى ئورگانىزملىق بىرلەشتۈرۈش كەسپىي كىشىلەرنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. گۇاڭجۇ سېرك ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ساۋ جىيەنپىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سېرىكى ئادەم، مۇزىكا، تىياتىر قاتارلىقلارنى بىر دراممىغا بىرىكتۈرۈشتە مەدەنىيەت كوننوتاتسىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. سېرك شىنجاڭنىڭ كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيىتىنى ناھايىتى مۇۋاپىق ئىپادىلەپ بەرگەن. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تاماشىبىنلار باشتىن ئاخىر ناھايىتى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى. ھەمدە ئىزچىل ئالقىش ياڭرىتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى درامما ھەقىقەتەن بىر مۇكەممەل، يۇقىرى ھۇزۇرلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە درامما بولدى.»

  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئىلقۇت بلوگىنىڭ ئەزىزانە ئىشتىراكچىلىرى، تۆۋەندىكىسى داڭلىق مۇنبىرىدىن مۇرات ئىسىملىك بىر دوستىمىزنىڭ يازغان يازمىسى ئىكەن. قارىسام بەك پەيزى يېزىپتۇ شۇڭا بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم. ئەسلى يازمىغا ھېچ قانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. ئەسلى ۋارىيانتى ساقلاپ قېلىندى.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!~~

    نەچچە كۈن ئىلگىرى دوستىمىز پەنگىيار تۈركچە يۈزى ئېچىلمىغان بىر تۈركۈم  ماتېرياللارنى تۆكمە قىلىۋەتكەنتى ، لېكىن سىنا ئائىلىسنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە يۈزى ئېچىلمىغان ماتېرياللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تويلۇق بېرىشى كېرەككەن. مۇنبىرىمىزدىكى بەرنا يىگىتلىرىمىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قىزنى كۆرگىلى بارسا ، ئاتا-ئانىسى تويلۇق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىپ يۈزى ئېچىلمىغان ماتېرياللانى بوسۇغىدىن چىقارماپتۇمىش، يىگىتلىرىمىزنىڭ يانچۇقىدا ئاقچا بولمىغاچ ئامالسىز مۇنبەرگە قايتىپ كېلىپ پەنگىيارغا ئىنكاس يېزىپتۇ....دوستىمىز بۇرادەرلەرنىڭ بويتاق قېلىشىغا چىدىماي، سىنا جەمەتىدىكى بۇزرۇكۋارلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، كەچلىك تاماقنى كېچىكتۈرۈش بەدىلىگە تويلۇقنى بىكار قىلىشقا توختاملىشىپتۇ، پەنگىيارنىڭ خالىسانە تۆھپىسىدىن تەسىرلەنگەن سىنا جەمەتىدىكى باشقا ئاچا-سىڭىللارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشكە تەشنا يىگىتلەرنىڭ قولىغا قول. پۇتىغا پۇت بولۇپ بىللە ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈرۈشۈپ ، ياسىنپ تارىنىپ، جابدۇنۇپ تەق بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىش.....